• گەري مۇر-Gary Moore - [مېنىڭ...]

    خەتكۈچ:Gary Moore

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://xcode.blogbus.com/logs/38880391.html

    داڭلىق گىتارچى،ئالتۇن بارماقلىق بلۇزچى گەري مۇر-1952-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى شىمالي ئېرلاندىيەنىڭ بېلفەستتە تۇغۇلغان.ئۇ يەنە مۇزىكا چېلىشتىن باشقا يەنە تېكىست يىزىشقىمۇ ماھىر.گەري مۇر 18يېشىدا مۇزىكا ساھەسىگە كىرگەن بۇلۇپ ،ئاساسلىق ئۇسلۇبى بلۇز ،مىتال،خەلق ناخشىسى(ballad).ئۇ ئىلگىرى  skidrow,thin lizzyلاردىمۇ تۇرغان.ئەڭ ياقتۇردىغان ماركىلار-Gibson,Fender,Hamer,Jackson,PRS.ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن-Parisienne Walkways،one day,Empty Rooms,jhonny boy...

    گەري مۇر ھەممە بىلىدىغان سەنئەتكارلارنىڭ بىرى.ئۇنىڭ مۇزىكا ھاياتى 60-يىللاردىن باشلانغان. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ياشىغان جىمى ھىندىرىكس ۋە جونني مايالنىڭ Bluesbreakes بىلەن ئۇنىڭ كاللىسى ئېچىلغان ۋە بلۇزنى تۇنۇشقا باشلىغان.

    1979-يىلى گەري Phil Lynoteنىڭ كېچىلىكىدە «Parisienne Walkways» نى چېلىپ مەيداندىن ئىس چىقىرۋىتىدۇ.بۇ ناخشا شۇ ۋاقىتتا ئەنگىليەدىكى ئون ناخشىنىڭ قاتارىغا كىرگۈزىلىدۇ. بۇنى ئاڭلىغاندىن ياقى مىجەزىم ياخشى ئەمەس مېنىڭ.

    گەرينىڭ تۇنجى ئۈچ كىشلىك گوروپپسى -نامراتلار كوچىسى»1970-يىلى CBSبىلەن توختام تۈزەيدۇ.دەل شۇ ۋاقىتتا گەري دۇبلىندىن كۆچۈپ كىتىدۇ.ئۇنىڭ يېقىن دوستى Phil Lynott گوروپنىڭ باش ناخشىچىسى بۇلىدۇ.ئارلىقتا ئۇلار بىرلىكتە ئۈچ ئالبۇم چىقىرىدۇ. تارقىلىپ كىتىشنىڭ ئالدىدا ئۇلار ئامرىكىغا بېرىپ Allman Brotherۋە باشقا نۇرغۇن گوروپىلارغا ياردەم قىلىدۇ.ئۇزاق ئۆتمەي گەري گوروپىنى قايتا تەشكىللەيدۇ ۋە Eric Bell فىل لينوتنىڭ ئورنىغا كىرىدۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا گەري گوروپىدا ئانچە چېلىقمايدۇ.1977-يىلى Brian Robertsonگوروپىدىن چىكىنگەندىن كېيىن ئۇ يېڭى باشتىن ئورنىنى تاپىدۇ.1978-يىلى «قارا ئەتىرگۈل»نامىدا سەييارە ئۇيۇن قۇيۇشنى باشلايدۇ.

    گەرينىڭ يېڭى ئالبۇمى «بلۇزغا قايتىش»(back to the bluse)دىن باشلاپ سىز بلۇزغا باشقىچە نۇقتىدىن باھا بىرەلەيسىز.سىناق خارەكتىرلىك ئالبۇملىرىدىن «جەننەتتىكى قاراڭغۇ كۈنلەر»(Dark Days In Paradis)،«باشقىچە زەربە»(A Different Beat)دىن كىيىن كىلاسسك ئەسەرلەردىن «stormy monday»«you upset me baby»قاتارلىقلار دۇنياغا كىلىدۇ.

    ئەنئەنىۋى قاراشتا تۇرۇپ كۈزەتسەك،گەري مۇرنىڭ فەنىسلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ رىتسىپى-ئۇنىڭ ھەر قېتىمقى يېڭى ئەسىرى ئۇنىڭ ئەڭ قالتىس ئەسىرى بۇلۇپ كەلگەن. 

    گەرينىڭ كىلاسسك ئالبۇملىرى:

    Back on the Streets-1978-قاتتىق روك،بلۇز،ballad،فانك.

    ۋەكىللىك ئەسىرى:Parisienne Walkways،Don't Believe a Word،Back on the Streets

    Corridors Of Power -1982-ئېغىر مىتال،pop ballad,مودا روك.

    ۋەكىللىك ئەسىرى:Always Gonna Love You،Falling in Love With You،Wishing Well

    Victims Of The Future -1983-ئېغىر مىتال،مودا خەلق كۈيى،pop electric

    ۋەكىللىك ئەسىرى:Victims of the Future,Empty Rooms,Murder in the Skies

    Run For Cover -1985-بىرىكمە مىتال،مودا خەلق كۈيى،مودا ئىلكترون،باللاد روك.ئاممىباپ مىتال.

    ۋەكىللىك ئەسىرى:Out in the Fields،Empty Rooms،Run for Cover

    Wild Frontier-1987-كېلت مىتال،ballad,ئىلىكترونلۇق بىرىكمە مىتال،مودا خەلق كۈيى

     ۋەكىللىك ئەسىرى:Wild Frontier،The Loner،Over the Hills and Far Away

    After The War-1989-ئىلكتىرك مىتال،مودا مىتال،كېلت مىتال.

    ۋەكىللىك ئەسىرى:After the War،Blood of Emeralds


    Still Got The Blues -1990-بلۇز

    ۋەكىللىك ئەسىرى:Still Got the Blues،Walking by Myself،Midnight Blues


    After Hours-1992-بلۇز

    ۋەكىللىك ئەسىرى:Separate Ways،Story of the Blues،Cold Day in Hell

    يازمامنى ئوغۇرلىماڭ! شۇ شۇ بۇلىدۇ.

    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • [avatar:38]Bu insan ajayip bir insan